- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جياۋ يۈلۇچە ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىدىن بولايلى» دېگەن مۇھىم سۆزىنىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى
2015.09.08 12:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ باشقۇرۇشىدا چىقىدىغان «ئۆگىنىش ۋاقىت گېزىتى»دە 7-سېنتەبىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ 1-قارارلىق ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدىكى كۇرسانتلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندىكى مۇھىم سۆزىنى ئېلان قىلدى. شى جىنپىڭ سۆزىدە ناھىيە دەرىجىلىك ھاكىمىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا ئوينايدىغان مۇھىم رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ناھىيەنى ئىدارە قىلىش ۋە ناھىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئوينايدىغان غوللۇق رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ جياۋ يۈلۇنى ئۈلگە قىلىپ، جياۋ يۈلۇ روھىنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن ئاخىر كۆڭلىگە پارتىيە، ئامما، مەسئۇلىيەت، تەلەپنى پۈكۈپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ياخشى كادىرلاردىن بولۇپ چىقىشىنى تەكىتلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر