باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن «فۇجو يېڭى رايونى تەسىس قىلىشقا قوشۇلۇش ھەققىدىكى تەستىقنامە» نى ئېلان قىلدى

2015.09.10 17:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

گوۋۇيۈەن يېقىندا زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقى بىلەن «فۇجو يېڭى رايونى تەسىس قىلىشقا قوشۇلۇش ھەققىدىكى تەستىقنامە» نى ئېلان قىلىپ، فۇجو يېڭى رايونى قۇرۇشقا قوشۇلدى. فۇجو يېڭى رايونى قۇرۇش ۋە بۇ رايوننى گۈللەندۈرۈش دۆلەتنىڭ رايون تەرەققىيات ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، دۆلەتنىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش ھەققىدىكى بىر قاتار مۇھىم سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، بۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدا، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، فۇجىيەننىڭ بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا پائال قاتنىشىشى، ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش، پىڭتەن ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. فۇجو يېڭى رايونى فۇجو شەھىرىنىڭ دېڭىز بويىغا جايلاشقان، دەسلەپكى لايىھەدىكى كۆلىمى 800 كىۋادرات كىلومېتىر، رايون شارائىتى ئەۋزەل، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى گۈزەل، كەسىپ ئاساسى پۇختا، پورت ئەسلىھەسى مۇكەممەل، مەدەنىيەت مەزمۇنى مول؛ ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر