باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كانتوندىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جۇڭگولۇقلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

2015.09.08 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1923- يىلى ياپونىيەنىڭ كانتوندىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە قىرغىن قىلىنغان 700 دىن كۆپرەك جۇڭگولۇق ئىشلەمچىگە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى 6- سېنتەبىر ياپونىيەنىڭ توكيودا ئۆتكۈزۈلدى، مۇراسىمغا قاتناشقان كىشىلەر قازا قىلغان ئىشلەمچىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن تارىخى ئەمەلىيەتتە توغرا قارىشىنى ۋە ئەپۇ سورىشى ھەمدە تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى. تەزىيە يىغىنى سۈكۈت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى. قازا قىلغان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇغقانلىرى، جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىلى، ياپونىيەدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ۋە جۇڭگولۇقلار ھەمدە ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوست ئەربابلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

  1923- يىلى 9- ئاينىڭ 1-كۈنى، ياپونىيەنىڭ كانتوندا قاتتىق يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كىيىن، ياپونىيە تەرتىپنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ھەربىي، ساقچى ۋە ئاممىنى تەشكىللەپ ياپونىيەدىكى جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەر، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى قىرغىن قىلغان. جۇڭگونىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ، چۇجۇ شەھىرىدىن كەلگەن 700 دىن كۆپرەك ياپونىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇق سودىگەرلەر بۇنىڭ بىلەن بىگۇناھ قىرغىن قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر