باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى باۋگاڭ گۇرۇھىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاۋ كۇن سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى

2015.09.10 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ10 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە باۋگاڭ گۇرۇھى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ھەمدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق پارتكوم شۇجىسى، باش مۇدىرى جاۋ كۇننىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلىق مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى چاۋ كۇنغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، باۋگاڭ گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپ ئالاقىدار خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشىنى بۇيرىدى، شاۋگۇەن پولات - تۆمۈر شىركىتى مۇدىرىيەت يىغىنى ئېچىپ جاۋ كۇننىڭ باش مۇدىر ۋەزىپىسىنى ئەمدى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى قارار قىلدى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر