خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-سېنتەبىردىن 12-سېنتەبىرگىچە، فۇجۇ، شيامېن، چۇەنجوۋدىن كەلگەن فۇجيەن ئۆلكىلىك دېڭىز ساقچىسى باش ئەترىتىنىڭ 3 تارماق ئەترىتى 9 ھەربىي كېمىدىكى 300دەك ئوفىتسېر ئەسكەر شيامېن پورتىغا يىغىلىپ، ئالتە كۈنلۈك دېڭىز ئۈستى ئۇنىۋېرسال مەشق ۋە كەسپىي ماھارەت سېنىشىشى ئىلىپ باردى. بۇ قېتىملىق مەشقتە، 1700 توننىدىن ئارتۇق ئېغىرلىقتىكى دېڭىز ساقچىسى 35115 ھەربىي كېمىسى تۇنجى قېتىم نامايان قىلىندى، بۇ فۇجيەن دېڭىز ساقچىسى نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېغىر، ئەسلىھەلىرى .ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش كېمىسى ھېسابلىنىدۇ