خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى («شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى) بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا بويىچە تىنچلىقنى سۆيەر خەلقلەرنىڭ ئورتاق خاتىرە كۈنى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش يېقىنقى زامان تارىخىدىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قىلغان ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلغان مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى، بۇ ئۇرۇش يەنە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان ئۇرۇش. شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ئىدارىسىدىكى خىزمەتچىلەر 27 – ئاۋغۇست ئىدارە پارتكومىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ ئارخېب ئىدارىسى كۆرگەزمىخانىسىغا بېرىپ «دۇنيا فاشىزىمىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى شىنجاڭ» كۆرگەزمىسىنى كۆردى.
مەنبە: خەلق تورى