- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تيەنجىن پورتىدىكى 12-ئاۋغۇست ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار 145 كە يەتتى
2015.08.28 14:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ تيەنجىن پورتىدىكى رۇيخەي خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن 12-ئاۋغۇست ۋەقەسى نەخ مەيدان ئاخبارات مەركىزىدىن ئوقۇشىچە، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچكىچە، قازا قىلغانلار 145 كە يەتكەن، 145 كىشىنىڭ سالاھىيىتى جەزىملەشتۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى 21، تيەنجىن پورتى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى 67، خەلق ساقچىسى 9، باشقا كىشىلەر 48؛ 28 كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى 3، تيەنجىن پورتى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى 13، خەلق ساقچىسى 2، باشقا كىشىلەر 10؛ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلار 474، بۇنىڭ ئىچىدە خەۋپ ئىچىدىكى بىمار 7، جاراھىتى ئېغىر بىمار 21؛ 323 كىشى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر