باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈي تيەنكەي: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بارلىق مۇھىم يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە زىچ ھەمكارلىقنى ساقلىماقتا

2015.08.28 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي 26-ئاۋغۇست ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلى تور بېكىتىدە «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەت كېسىشش نۇقتىسىغا نەزەر» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گەرچە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم قېيىن مەسىلىلەر دائىم تاراتقۇ خەۋەرلىرىدە مۇھىم مەزمۇن قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بارلىق مۇھىم يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە زىچ ھەمكارلىقنى ساقلىماقتا.

  سۈي تىيەنكەي مۇنداق دېدى: 70 يىلنىڭ ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلىشىپ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى ئولۇغ دۆلەتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەردە داۋاملىق يېقىندىن ھەمكارلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. 21-ئەسىردە بۇ ھەمكارلىق تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ زۆرۈر.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 9-ئايدا ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن ئۇچىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشىغا يەنىمۇ يىتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر