باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە پۇل مۇئامىلە ئىجارىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك، دېدى

2015.08.27 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 26-ئاۋغۇست گوۋۇيۈەن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارىسى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىجارىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرىنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش بەلگىلەندى؛ ئىمپورت-ئېكىسپورت ھالقىسىدىكى ھەقلەرنى يەنىمۇ تەرتىپكە سېلىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ نۇقتىلىق سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئەمەليلىشىشىنى 3-تەرەپ باھالاپ ۋە دوكلات قىلىپ، سىياسەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا جايىدا تۈرتكە بولۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئاڭلىتىلدى؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىىتىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەش قارار قىلىندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر