باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 17 ئورۇننىڭ مائارىپتا بەلگىلىمىگە خىلاپ 454 مىليون يۈەن ھەق ئالغانلىقى بايقالدى

2015.08.28 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مائارىپ ھەق ئېلىش تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2015-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپتا ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۇتاش قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. 207 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، 586 ئادەم قېتىم تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ھەققى ئالغۇچى ئورۇندىن 2260نى تەكشۈردى.

  بۇ قېتىمقى مائارىپتا ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش جەريانىدا، بايقالغان ئاساسىي مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى. قىسمەن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسى ۋە مەكتەپ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ زالوك ، مەكتەپكە ئېلىش(يەسلى) غا چېتىشلىق ياردەم پۇل، ئىئانە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالغان. ئىككىنچى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ. بەزى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا تۈر قۇرۇپ، ئۆزى ئالدىغا ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن« مەكتەپ كارتىسى ھەققى»، « ھەربىي مەشىق ھەققى»، « سىناق قەغىزى ھەققى»، « سىنىپ پۇلى»، « ئۆسۈپ يېتىلىش ئارخىپ ھەققى»، ۋاكالىتەن سۇ ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئالغان. بەزى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر پىلان سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ« ئۈچ چەكلەش» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشى جايىدا بولمىغان؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پىلان ئىچىدىكى، سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئالغان؛ دۆلەت رەسمىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بىكار قىلغان دەرس تولۇقلاپ ئۆتۈش ھەققىنى داۋاملىق ئالغان. مائارىپ ھەققىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش قېلىپلاشمىغان، ئاشكارلاش مەزمۇنى تولۇق بولمىغان. ئۈچىنچى، ئالىي مەكتەپ. بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ كارتىسى ، تاماق كارتىسى، كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى، ئىتتىپاق كىنىشكىسى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامى بېجىرگەندە ئېلىندىغان تەننەرخ ھەققى ئالغان، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئالىي مەكتەپ- ئوتتۇرا تېخنىكۇم ئوقۇغۇچىلىرىدىن كونسۇلتاتسىيە ھەققى ئالغان؛ پۇقراۋى مەكتەپلەر ھەق ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقارمىغان، بەزى مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىش ئۇقتۇرۇشى مۇقۇم بولمىغان ۋە يېڭىلانمىغان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر