باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزى تۇنجى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

2015.08.31 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزى تۈنۈگۈن تۇنجى مەيدان مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسلىرىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېيلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلىش، قۇل قىلىش، بۇلاڭ تالاڭ قىلىشىغا قارشى تۇرۇشتەك ھەققانىي ئۆزىنى قوغداش ئۇرۇشى ۋە مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى بولۇپ، ئۇلۇغ تارىخي ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېقىنقى زامان تارىخى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چاۋگۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشدا دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى ئوقى ئېتىلدى ، دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ شەرقتىكى ئاساسى ئۇرۇش مەيدانى ئېچىلدى ، زور مىقداردىكى ياپونيە ئارمىيەسى ئاساسى قىسمىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبتىن كىرىشى توسۇلۇپ، باشقا ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ بېسىمى يېنىكلىتىلدى، ۋاڭ چاۋگۇاڭ ھەربى پاراتنى كۆرۈشكە گوۋمىنداڭدىكى پىشقەدەم جەڭچىلەرنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالغا جاۋاب بېرىپ: جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدىكى تۆھپسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ دېدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ: جۇڭگو نېمە ئۈچۈن 3-سىنتەبىر كۈنى ھەربى پارات ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ دېگەن سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە ھەربى پارات پائالىيىتى جۇڭگودىن باشلانغان ئەمەس، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىمۇ ھەرخىل ھەربىي پاراتلار بار، بولۇپمۇ ئۇرۇش غەلبىسى خاتىرە كۈنىدە شۇنداق، بۇ يىل مۇشۇنداق مۇھىتتا جۇڭگونىڭ ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشى بىزنىڭ بۇ ئۇرۇشنى ئېسىمىزدە مەھكەم تۇتىدىغانلىقىمىز، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ھەققانىيەت، ئىنسانىيلىق ۋە ئادالەتنى قوغداشتەك ئىرادىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر