باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەنئەنىۋىلىكتىن زامانىۋىلىققا يۈزلەنگەن شىنجاڭ چارۋىچىلىقى

2015.08.31 10:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىيۇلدا تېمپېراتۇرا ئۇدا يۇقىرى بولدى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭخې سۇ ئامبىرىغا دەم ئالغىلى كېلىدىغانلار كۆپەيدى، چارۋىچى چوغلا ئاچقان چارۋىچىلار ئارامگاھى كۈندە نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  چوغلا جىمىسار ناھىيەسىنىڭ لاۋتەي يېزىسى ئاقتۆبە كەنتىدىن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئەرگۇڭخې سۇ ئامبىرى بولغاچقا، تاغدىن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇق، بالىلىرىمىزمۇ يېقىن يەردىكى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولدى. 2013 – يىلى كەنتتە بۇ ئارامگاھنى ئاچقانىدىم، سودا ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ئائىلىمىزدىكى تۆت جاننىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتلاق چارۋىچىلىقىدىن زامانىۋى چارۋىچىلىققىچە، ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقۇرۇشقىچە، تۈزۈلمىدىن مېخانىزمغىچە، تاغلىق رايونلاردىن تۈزلەڭلىككىچە، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن دېھقانچىلىق رايونلىرىغىچە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشىلاپ، چارۋىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھايۋاناتلاردا كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  پايدىلىق سىياسەت چارۋىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىم ئاشۇردى

  شىنجاڭدا 860 مىليون مو ئوتلاق بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 3 – چوڭ چارۋىچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، بىپايان ئوتلاق شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى مول ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ كەلدى، شۇنداقلا ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدا يېشىل توساق بەرپا قىلدى. لېكىن، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئاھالە ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەچكە ۋە چارۋا زىيادە كۆپ بېقىلغاچقا، شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى بارغانسېرى ئاستىلاپ قالدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتلاق، چارۋىنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىشتىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، چارۋىچى ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىش، بازارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلىش يولىغا ماڭدى. لېكىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا ‹‹يازدا تويۇش، كۈزدە سەمرىش، قىشتا ئورۇقلاش، ئەتىيازدا ئۆلۈش››، ئېغىر ئاپەت بولغاندا مەھسۇلات زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىش، كىچىك ئاپەت بولغاندا ئازراق ئازلاپ كېتىش، يامغۇر – يېغىن نورمال بولغاندا ئازراق ئېشىشتەك مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتى گەۋدىلىك بولۇپ قالدى. چارۋىچىلىق ئىقتىسادى يەككە بولۇپ، كۆپ ساندىكى چارۋىچىلار سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۈچۈرەتتى، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى قالاق بولۇپ، ئىختىساسلىقلار كەمچىل ئىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن 1996 – يىلى، 2002 – يىلى ۋە 2008 – يىلى ئۈچ قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋىچىلىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىقنى تېز راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى›› ۋە ئىككى قېتىم ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى››نى تارقىتىپ، ‹‹ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈچۈن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش››نى يۆنىلىش قىلىپ، چارۋىچىلىقتىكى ئۇسۇل يىرىك، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇشتەك يەككە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى كۆلەملەشكەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئىشنى ئالدى بىلەن چارۋىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن باشلاپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 45 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ جۇغلاپ، چارۋا نەسلىنى ياخشىلايدىغان ۋاكسىنىنى سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇردى ۋە ياخشىلىدى.

  ئاپتونوم رايون 2011 – يىلى 3 – ئايدا يەنە 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ‹‹كۆپ تۆللەيدىغان قويلارنى شالغۇتلاشتۇرۇپ كۆپەيتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى››نى باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز قوي گۆشى بازىرىدا ئېھتىياج ئېشىش بىلەن قويچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئوتلاقنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتەك زىددىيەتنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى.

  2012 – يىلى يېڭىدىن 10 مىليون تۇياق قوينى قوتاندىن چىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ قوي بېقىش، قويلارنى شالغۇتلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  2013 – يىلى 11 – ئايدا يەنە قوي، كالا گۆشى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم پايدىلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، يەنى، ‹‹بورداق قوي، كالا باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوي، كالا بورداقچىلىقى ئىشلىرىغا مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش، قوي، كالا گۆشى مەھسۇلاتى ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇش، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش، باقمىچىلىق خەتىرىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق تارىخىدىكى مىسلىسىز پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى يېپيېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. قوي، كالا باقمىچىلىقى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز 5 مىليون تۇياق قوينى يېڭىدىن قوتاندىن چىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، قوي، كالا گۆشى باھاسى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا تۆۋەنلىدى. سۈتچىلىك، قۇش باقمىچىلىقى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ئۆي قۇشلىرى ۋە تۇخۇم مەھسۇلاتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10تىن ئاشتى.

  چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى چارۋىچىلاردا ئولتۇراقلىشىش يېڭى تەپەككۇرىنى شەكىللەندۈردى

  ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا چارۋىچىلار ‹‹ئۈچنى تۇتاشتۇرۇش، تۆت بولۇش، بەشنى يۈرۈشلەشتۈرۈش›› ئۆلچىمى بويىچە، ‹‹تارقاقلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش، ئارىلاشتۇرۇپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش، كەنت بويىچە ئولتۇراقلاشتۇرۇش، باشقا جايلارغا ئولتۇراقلاشتۇرۇش›› قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزە ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان. 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 217 مىڭ چارۋىچى ئائىلىسى ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان، 2008 – يىل ئاخىر چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش نىسبىتى %78.7كە يەتكەن.

  سۇ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىقى سۇ، ئوت – چۆپ قوغلىشىشتەك ئەنئەنىۋى ئەندىزىدىن قۇتۇلالمىدى، تەرەققىياتى ئاستا بولدى.

  20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن 2010 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىق تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جايلاردا چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. لېكىن يەنىلا سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، 20 نەچچە يىل بوشاشماي تىرىشقان بولسىمۇ 106 مىڭ 500 چارۋىچى ئائىلىسىلا ئولتۇراقلاشتۇرۇلدى، بۇ ئاپتونوم رايون بويىچە چارۋىچىلار ئومۇمىي ئائىلە سانىنىڭ %37 ىنىلا ئىگىلىگەن بولۇپ، يەنە %60تىن ئارتۇق چارۋىچى تېخى ئولتۇراقلاشتۇرۇلمىغانىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولۇش، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

  2010 – يىل 6 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا: ‹‹سۇچىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش، يېتەكچى قۇرۇلۇش، يادرولۇق قۇرۇلۇش، سۇچىلىق گۈللەنسە شىنجاڭمۇ گۈللىنىدۇ››، ‹‹چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا تۇتۇش كېرەك›› دېدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى، يەنى قۇرۇلۇشلارغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شۇنداقلا شىنجاڭغا كىرگەن كارخانىلارنىڭ نامىنى قويۇپ ھەقسىز ياردەم بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلىق تارماقلىرى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ھەل قىلالماي كېلىۋاتقان چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ سۇچىلىقىغا مەبلەغ سېلىش مەسىلىسى ئوڭايلا ھەل بولدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشتىكى 27 تايانچ سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 1 مىليارد 940 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇ قۇرۇلۇشلار 2010 – يىلى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇشلار پۈتكەندىن كېيىن 25 مىڭ چارۋىچى ئائىلىسىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى، 2 مىليون 424 مىڭ 500 مو يەرنى سۇغارغىلى، 1 مىليون 609 مىڭ 500 مو سۇغىرىش كۆلىمىنى ياخشىلىغىلى، يېڭىدىن 988 مىڭ 200 مو ئۆت – چۆپ بازىسىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ. ھازىر بۇ 27 قۇرۇلۇشنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ رولى جارى قىلدۇرۇلۇۋاتىدۇ.

  ئېكولوگىيەنى قوغدىغۇچىلارغا ياردەم پۇل بېرىش ۋە ئۇلارنى مۇكاپاتلاش مېخانىزمى ئوتلاقچىلىققا يەنە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى

  شىنجاڭدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەبىئىي ئوتلاق كۆلىمى 720 مىليون مو بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتلاقلاردىن پايدىلىنىشتا ھەددىدىن زىيادە چارۋا بېقىش، ئوتۇن كېسىش، دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى قېزىش، كان ئېچىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن يايلاقلار ئارقا – ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى چېكىندى.

  ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2011 – يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا نەزەرىيە جەھەتتە 33 مىليون 904 مىڭ 300 تۇياق قوي باققىلى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 42 مىليون 708 مىڭ 900 تۇياق قوي بېقىلىپ، چەكتىن %25.97 ئېشىپ كەتكەن. كۆكلەم ۋە كۈزلۈك يايلاقتا نەزەرىيە جەھەتتىن 17 مىليون 421 مىڭ 300 تۇياق قوي باققىلى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 27 مىليون 188 مىڭ 700 قوي بېقىلىپ، چەكتىن %56.07 ئېشىپ يەتكەن. ھەددىدىن زىيادە پادا بېقىش سەۋەبىدىن، قىشلىق يايلاقنىڭ %30 ىدىن پايدىلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان.

  شىنجاڭنىڭ ئوتلاقلىرىدا قوي، كالىلار ئۆت – چۆپلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە يىلتىزىنىمۇ غاجىلايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، نۇرغۇن ئوتلاق بايلىقى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بۇرۇنقى سۇ، ئۆت – چۆپ مول ئوتلاقلار ھازىر قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالدى. ئوتلاق بىلەن چارۋا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشكەچكە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون غەيرەتكە كېلىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئوتلاقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىرادىسىگە كەلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جاۋ شىنچۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2010 – يىلى گوۋۇيۈەن شىنجاڭ قاتارلىق سەككىز جايدا ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغدىغانلارغا ياردەم پۇل بېرىش ۋە ئۇلارنى مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى بەش يىل يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. مەركەز مالىيەسىدىن ھەر يىلى 13 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوتلاقتا پادا بېقىشقا چەك قويغان ئورۇنلارغا ياردەم پۇل بەردى، ئوتلاق بىلەن چارۋا تەڭپۇڭ بولغان ئورۇنلارنى مۇكاپاتلىدى، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئۆت – چۆپ يېتىشتۈرگەن ۋە چارۋا نەسلىنى ياخشىلىغان ئورۇنلارغا ئىشلەپچىقىرىش ياردەم پۇل بەردى. ئاپتونوم رايونىمىز 2011 – يىلى 6 – ئايدا مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغدىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، 151 مىليون 500 مىڭ مو ئوتلاقتا چارۋا بېقىشقا چەك قويدى ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا، ئوتلاقلارنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى بېكىتتى.

  2014 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە 214 مىليون 700 مو ئوتلاق چىتلاندى، 54 مىليون 610 مىڭ مو ئوتلاق تولۇقلاپ تېرىلدى، ئۆت – چۆپ تېرىلغان كۆلەم 11 مىليون 860 مىڭ موغا يەتتى، 8 مىليون 701 مىڭ 800 چارۋا يۆتكىلىپ، ئوتلاق كۆلىمى بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ 19 مىليون 630 مىڭ 720 مو ئوتلاقنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم پۇل بېرىلدى، 275 مىڭ 800 چارۋىچى ئائىلىسىگە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ياردەم پۇلى بېرىلدى. ھەر بىر چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە سىياسەت خاراكتېرلىك كىرىمى 6064 يۈەنگە يەتتى. ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ ناچارلىشىش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلىنىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنىڭ قاپلاش نىسبىتى %40كە يەتتى، چارۋا بېقىش چەكلەنگەن رايونلار ۋە ئوتلاق سىغىمچانلىقى بىلەن چارۋا تەڭپۇڭ بولغان رايونلاردا ئوت – چۆپ مەھسۇلاتى 2010 – يىلىدىكىدىن %44 ۋە %14 ئاشتى. نارات، بۇغدا كۆلى، بايىنبۇلاق قاتارلىق سۇ بايلىقىنى نۇقتىلىق ساقلاش رايونلىرىدا چارۋا بېقىشنى چەكلەشنىڭ ئۈنۈمى روشەن بولۇپ، تەڭرىتاغنى دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشقا ئاساس سېلىندى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆت – چۆپنى زاپاس ساقلاش چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

  ئاپتونوم رايونىمىزدا 2005 – يىلى H5N1 قۇش زۇكىمى تارقىلىپ، زىيان ئېغىر بولۇپ، 1 مىليون 500 مىڭ ئۆي قۇشى ئۆلتۈرۈلدى. بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان شىنجاڭ ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىغا ئېغىر ئاپەت بولدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئاچچىق ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ھايۋاناتلاردا كۆرۈلىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىخەتەر مۇداپىئە تورى قۇرۇشنى قارار قىلدى.

  2006 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 590 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. ئاپتونوم رايونلۇق مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى ئاپتونوم رايون بويىچە تەكلىپ قىلىنغان كەنت دەرىجىلىك 11 مىڭدىن ئارتۇق ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىمىنى تەربىيەلەش ۋە سالاھىيەت كېنىشكىسى تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملاپ، كەنتلەردە ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغۇچىلار بولۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىك ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورى قۇرۇلدى.

  جايلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايون مەبلەغ سالغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ۋىلايەت، ئوبلاست دەرىجىلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆت – چۆپ زاپىسى ئىسكىلاتىدىن 19ى پۈتتى، بۇ ئىسكىلاتلاردا 30 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئوت – چۆپنى زاپاس ساقلىغىلى بولىدۇ.

  2014 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولدى، بولۇپمۇ ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئوت – چۆپ يىغىشقا تەسىر يەتكەنىدى. لېكىن مۇخبىرىمىز زىيارەت داۋامىدا چارۋىچىلىق تارماقلىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ خېلى خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى كۈلۈپ تۇرۇپ: ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سېلىنغان ئوت – چۆپ زاپاس ساقلاش ئىسكىلاتىمىز بولغاچقا، كۆڭلىمىز خاتىرجەم، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر