دۇنيا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، 24-ئاۋغۇست نيويورك پاي چېكى بازىرىدىكى ئۈچ چوڭ كۆرسەتكۈچ يەنە بىر قېتىم چۈشتى. دوۋ-جونېس سانائەت كۆرسەتكۈچ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 588.40 نۇقتا چۈشۈپ، 15871.35 نۇقتىدا يىغىۋېلىنغان، چۈشۈش دائىرىسى % 3.57 بولغان؛ ئۆلچەملىك پورس 500 خىل پاي چېكى كۆرسەتكۈچى 77.68 نۇقتا تۆۋەنلەپ، 1893.21 نۇقتىدا يىغىۋېلىنغان، چۈشۈش دائىرىسى % 3.94 بولغان؛ ناسداق ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 179.79 نۇقتا چۈشۈپ، 4526.25 نۇقتىدا يىغىۋېلىنغان، چۈشۈش دائىرىسى % 3.82 بولغان.