- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈزلۈك ئۆي مۈلۈك سودىسى كۆرگەزمىسى 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2015.08.31 10:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، 10 - سېنتەبىردىن 13 - سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2015 - يىللىق كۈزلۈك ئۆي مۈلۈك سودىسى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، تاۋار ئۆي سېتىۋالغان شەھەر ئاھالىلىرى يەر خېتى بېجى، ئۆي ئىگىدارلىقىنى تىزىملاش بېجى مالىيە تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.
ئىگىلىشىمچە، كۆرگەزمىدە، تۇرالغۇ ئۆي، دۇكان، ئىشخانا قاتارلىق ئۆي مۈلۈك تۈرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، ھەر قايسى قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش، سودا قىلىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن. كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى 12 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، «گۇاڭخۇي»، «ۋەنكې»، «خۇايۈەن»، «باۋنېڭ» قاتارلىق 50تىن ئارتۇق ئۆي مۈلۈك كارخانىسى قاتنىشىدىكەن. كۆرگەزمىگە مەخسۇس سىياسەت - بەلگىلىمىلەرنى سۈرۈشتە قىلىش مۇلازىمەت ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك ئورۇنلار ۋە قانۇن مەسلىھەتچىسى ئاممىنىڭ ئۆي مۈلۈك سىياسەتلىرىگە قارىتا سورىغان سوئاللىرىغا نەق مەيداندا جاۋاپ بېرىدىكەن.
ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتىيازلىق ۋە يازلىق ئۆي مۈلۈك سودىسى كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، ئىككى قېتىملىق كۆرگەزمىدە 7839 يۈرۈش ئۆي سېتىلىپتۇ، كۆرگەزمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بازار سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، تۇرالغۇ ئۆي ئىستېمالىنى كېڭەيتىشتە،ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي مۈلۈك كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپتۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر