خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) «دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتېرىلەش ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جىنايىتى سۈرەت كۆرگەزمىسى» 29-ئاۋغۇست كورېيە پايتەختى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چيۇ گوخوڭ، كورېيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە يېڭى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى جىن ۋۇشىڭ، خەلق تورى كورېيە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جوۋ يۈبو ۋە نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى مىڭغا يېقىن كورېيە ئاھالىسى بۇ كۆرگەزمىنى كۆردى.
مەنبە: خەلق تورى