گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە رەڭلىك راۋاقتا جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 7-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى ساكىنتايېف بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-قازاقىستان يېقىن دوستلاردىن ياخشى قوشنىلاردىن. بۇلتۇر 12-ئايدا مەن قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، قازاقىستان رەھبەرلىرى بىلەن چوڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدىم، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان نۇرغۇن ساھەلەردە دەسلەپكى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاپ تۇتاشتۇرۇش، ئىقتىساد، سودا قاتارلىق سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. مەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگو-قازاقىستان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىياسىي جەھەتتىن قوللاپ، بىر تۈركۈم ئېچىۋېتىشچان ۋە ئۈلگىلىك چوڭ تۈرلەرنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقتا بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يەنىلا چىگىش ۋە مۇرەككەپ، بازارنىڭ داۋالغۇشى نىسبەتەن چوڭ بولغانلىقتىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىمۇ بىر قىسىم تەسىرلەرگە ئۇچرىماقتا. ئەمما جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇقىدا ئاساسەن ئۆزگىرىش بولمىدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى يەنىلا مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلىماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىشتىكى ئاكتىپ ئامىللارمۇ ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىۋاتىدۇ. بىزدە ماكرولۇق تەڭشەشتە تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىدىغان ۋە قوللىنىدىغان بوشلۇق بار، دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىدىمۇ خېلى چوڭ ئىمكانىيەت بار. ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ‹‹قوش يېڭىلىق يارىتىش›› ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش، خېيىم-خەتەردىن مۇداپىئە كۆرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا ۋە رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. جۇڭگونىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ئىقتىدارى، شارائىتى بار. بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قوشۇلغان مۇھىم تۆھپە ھېسابلىنىدۇ.