باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۈ شىجۈن: جۇڭگو تايلاند تۆمۈر يولى ھەمكارلىقىنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىنىدۇ

2015.08.28 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى جۈ شىجۈن تۈنۈگۈن باڭكوكتا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ تۆمۈر يول ھەمكارلىقى بويىچە ھازىرغىچە ئالتە نۆۋەت سۆھبەت ئۆتكۈزۇلدى، ئىككى تەرەپ 9-ئاينىڭ بېشىدا جۇڭگو تايلاند تۆمۈر يولى ھەمكارلىقىنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا رامكا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ، 10-ئاينىڭ ئاخىرى ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

  جۈ شىجۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تايلاند ئۈچ يىل ئىچىدە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تاماملايدۇ، جۇڭگو تايلاند تۆمۈر يولى ھەمكارلىقى تايلاندنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئەمەلي نەپ ئېلىپ كېلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى ۋۇ جىۋۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تايلاند تۆمۈر يولى ھەمكارلىقى- جۇڭگونىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن تايلاندنىڭ بايۈ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى. مۇشۇ ئاساستا جۇڭگو بىلەن تايلاند پورت، ئايرودوروم قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە چوڭ تۈرلىرى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىسە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر