باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئىككى ئورۇن ۋە بىر شەخسكە شەرەپلىك نام بەردى

2015.08.27 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىشى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئىككى ئورۇن ۋە بىر شەزىسكە شەرەپلىك نام بەردى.

  69316-قىسىم ئاسترونومىيە نۇقتىسى چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئۈلگە ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى

  73122-قىسىم 61-شۆبە ئەترىتىگە «ئارمىيەنى سەرخىللاشتۇرۇش قىزىل 4-ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى

  96315-قىسىم 42-شۆبە ئەترىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنژېنېرى تەن چىڭچۈەنگە «ئۆتكۈر شەمشەر ئاۋانگارتى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى بارلىق قىسىم ۋە كوماندىر-جەڭچىلەرنى شەرەپلىك نام بېرىلگەن ئورۇن ۋە شەخىسنى ئۈلگە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، 18-نۆۋەتلىك 3- ۋە 4-ئومۇمىي يىغىىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى ۋە ھەربىي ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر