باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەش نۇقتا

2015.08.31 10:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن بەزى ئوقۇغۇچىلار ئارزۇسىغا يازمىغان مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇلار بۇنداق چاقىرىق قەغىزىنىڭ راست - يالغانلىقىنى بىلەلمەي قالغان.

  2015 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى تۈرلۈك ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى ۋە قانۇنسىز ۋاسىتىچىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سەمىمىي ئەسكەرتتى:

  بىرىنچىدىن، غەيرىي ھۆكۈمەت تەرەپ ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ساختا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى كۆپىنچە ھاللاردا مەكتەپلەرنىڭ تۈرلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، مەسىلەن: ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇش تارىخى مائارىپىدىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئوقۇش شەكلىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، غەيرىي ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنى ئالدايدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. دۆلەت ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. شۇڭا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا - ئانىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسكە يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىشىنىپ كەتمەسلىكى لازىم.

  ئۈچىنچىدىن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ، قوبۇل قىلىش نەتىجە ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش.

  تۆتىنچىدىن، ھەر خىل ئىش پۈتتۈرگۈچىلەرگە دوقۇرۇپ يۈرۈپ، ئورۇنسىز زىيان تارتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بۇ يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجە ئۇچۇرلىرىنى داۋاملىق تۈردە توردا قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىك كېرەك.

  بەشىنچىدىن، قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىش كېرەك. بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەت بېرىش مەخسۇس لىنىيەسى 0991 - 8750000 گە ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانى پاش قىلىش تېلېفونى 0991 - 8758128 گە خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر