باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كەلدى

2015.08.31 09:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خام چوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇ جۈن يېتەكچىلىكىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى يېقىندا شىنجاڭغا كەلدى، ئۇلار ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى ۋە دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. سۇ جۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يوڭمىڭ سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھەت كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى، تەپتىش نازارىتى، بانكىچىلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ دوكلاتلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بەش كۈن داۋاملىشىدىكەن، يەرلىك قەرزنى باشقۇرۇشتا كۆرۈلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى تەپتىش قىلىش، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىدىكى قەرزنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەم دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خام چوتىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش خام چوتىنى تەپتىش قىلغاندا بايقالغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت كاپىتالىنىڭ خام چوتىنى تەپتىش قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىكەن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 26 - ئاۋغۇستتىن 28 - ئاۋغۇستقىچە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 4 - شىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەمدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئالاقىدار ناھىيە، شەھەرلىرىنىڭ ۋە بىڭتۈەن تارمىقىدىكى كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر