باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق، ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى

ئىككى ئورۇن، بىر شەخسكە شەرەپلىك نام بېرىلدى، ئۈچ ئورۇن، 28 شەخس خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىندى

2015.08.31 10:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالىدى، ئىككى ئورۇن، بىر شەخسكە شەرەپلىك نام بېرىلدى.

  69316 - قىسىم ئاسترونومىيە چېگرا ليەنىگە «ئىتتىپاقلىشىپ جەڭ قىلىشتىكى نەمۇنىچى ليەن» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى

  بۇيرۇقتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ليەندىكى كوماندىر - جەڭچىلەر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ناچار تەبىئىي شارائىت ۋە مۇرەككەپ چېگرا كۈرىشىگە دۇچ كەلگەندە، ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇققا تايىنىپ جەڭگىۋار روھنى مۇجەسسەملەپ، ھايات - ماماتتا بىرگە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، دۆلەت چېگراسىنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلغان. بۇ ليەن ئىككى قېتىم ھەربىي رايون تەرىپىدىن چېگرا مۇداپىئەسى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن، ھەر يىلى ھەربىي مەشىقتىكى 1 - دەرىجىلىك ئورۇن ۋە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى بايراقدار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1998 - يىلىدىن بۇيان ئىككى قېتىم 1 - دەرىجىلىك، تۆت قېتىم 2 - دەرىجىلىك، ئۈچ قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يەتكەن بايراقدار ئورۇن بولۇپ باھالانغان.

  73122 - قىسىم 61 - تارماق ئەترىتىگە «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزغان سەرخىل قىزىل 4 - ليەن» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى

  بۇيرۇقتا مۇنداق دېيىلدى: 61 - تارماق ئەترەت 1927 - يىلىدىكى خۇاڭما قوزغىلىڭىدا قۇرۇلغان بولۇپ، جەڭ تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك، قەھرىمان نەمۇنىچىلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن قىزىل ئارمىيە ليەنى ھىسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 61 - تارماق ئەترەت ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى بويلاپ ليەننى ياخشى قۇرۇپ، ئىزباسارلارنى تەربىيەلىگەن، بۇ ليەننىڭ ھەر نۆۋەتلىك مەسئۇللىرىنىڭ ھەممىسى مۇنەۋۋەر كوماندىرلار بولۇپ، كادىر، كەنجى ئوفىتسېرلارنىڭ ھەممىسى «تۆتنى بىلىدىغان» مەشقاۋۇل ئۆلچىمىگە %100 يەتكەن، شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇسابىقىلەردە 24 تۈردە 1 - لىككە ئېرىشكەن، 74 جەڭچى يەككە تۈردە چېمپىيون بولغان. ئىلگىرى - كېيىن ئالتە قېتىم شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، بىر قېتىم 1 - دەرىجىلىك، 20 قېتىم 2 - دەرىجىلىك، 22 قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

  96315 - قىسىم 42 - تارماق ئەترىتىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى تەن چىڭچۈەنگە «ئىجتىھاتلىق ئاۋانگارت» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى

  بۇيرۇقتا مۇنداق دېيىلدى: يولداش تەن چىڭچۈەن پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك تەۋرەنمەس ئېتىقادىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شەخسنىڭ ئارزۇسىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىرىغا بويسۇندۇرۇپ، 80 دانە تەقلىدىي مەشىق ئۈسكۈنىسىنى باشلامچىلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ ياساپ، 28 يۈرۈش كەسپىي دەرسلىك تۈزۈپ، 200دىن ئارتۇق تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان، تۆت تۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى ئارمىيە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2 - توپچى قىسىم تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇتەخەسسىسى بولۇپ باھالانغان، ئارمىيە بويىچە جەڭگىۋار قىسىملارنىڭ مۇنەۋۋەر كەسىپ - تېخنىكا ئىختىساسلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يەتكەن بايراقدار بولۇپ تەقدىرلەنگەن، ئىككى قېتىم 2 - دەرىجىلىك، ئالتە قېتىم 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ 2011 - يىلى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا «باشقۇرۇلىدىغان بومبا يېنىدا ياشاپ، ئىستىھكامدا قۇربان بولۇش» ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان، ئۇنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى كىشىلەرنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتكۈل ئارمىيە ۋە كوماندىر - جەڭچىلەرنى شەرەپلىك نام بېرىلگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشى، ئىسلاھات ۋە ھەربىي جەڭ تەييارلىقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ گۈللەندۈرۈش ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشقا چاقىردى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر