باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېيىنكى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەكشى، مۇقىم ئېشىشى مۇمكىن

2015.08.31 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-سانلىق يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى خامجوت ئىجرا ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى گۇرۇپپىلار بويىچە قاراپ چىقىلدى، دوكلاتتا ئايان بولىشىچە،بۇ يىلدىن بۇيان، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئومۇمەن ياخشى بولغان، پۈتۈن بىر يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاشلىق مەھسۇلاتى، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىمممىتىدىكى ئېنېرگيە سەرپىياتى، ئاساسلىق بۇلغۇما قويۇپ بېرىش، شەھەر يېزا ئاھالىلىرى كىرىمى، كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر بىرقەدەر ياخشى ئورۇنلىنىشى مۇمكىن ئىكەن، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكىتى ئاستا مۇقىم بولدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش پائال ئالغا سىلجىتىلدى، ھاياتى كۈچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ داۋاملىق ئاشتى، ئىقتىسادى تەرەققىيات مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلىدى، جەمئىيەت ئىناق،مۇقىم بولدى، دۆلەت چىقارغان بىر يۈرۈش سىياسەت تەدبىرلەردە يەنىمۇ ئۈنۈم كۆرۈلدى، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم ئېشىشى مۇمكىن، پۈتۈن بىر يىلدا بارلىق كۆرسەتكۈچلەر بىرقەدەر ياخشى ئورۇنلىنىشى مۇمكىن، ئەمما مالىيە كىرىمى، مەبلەغ سېلىش، تاشقى سودا قاتارلىق كۆزلىمە كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئورۇنلىنىشىغا يەنىلا جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ،مالىيە مىنىستىرى لۇ جىۋېي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغاندا مۇنداق دېدى:1-ئايدىن 7-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 9 تىرىليون 384 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، خامچوتنىڭ %60.8ئى ئورۇندالدى، %7.5 ئاشتى.

  لۇ جىۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە تېخىمۇ كۈچلۈك مالىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈش، ماليە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، چىقىرىلغان مالىيە باج سىياسىتىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققى قىلىشى ۋە جەمئىيەت ئومۇملۇقى، مۇقىملىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر