باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن 45 جاۋابكارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2015.08.28 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلى، قاراماي، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا خەلق سوت مەھكىمىلىرى يېقىندا چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق 10دېلودىكى 45 جاۋابكارغا 1-سوتتا قاراپ چىقىپ، تېرورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش، مەبلەغ ياردىمى بېرىش، باشقىلارنى چېگرىدىن ئوغۇرلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىشلىق ئىككى جاۋابكارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، 43 جاۋابكارغا مۇددەتلىك تۆت يىللىقتىن 15يىللىققىچە قاماق جازاسى بېرىش توغرىسىدا 1-سوت ھۆكۈمى چىقاردى.

  ئىگىلىنىشچە، مەزكۇر 10 دېلودىكى چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتۈش جىنايىتى سادىر قىلغۇچىلار دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان بولۇپ،«يىلانبېشى»نىڭ قۇترىتىشى ۋە تىزگىنلىشىدە «غازات قىلىش» ئۈچۈن چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق سوت مەھكىمىلىرى زوراۋانلىق، تېرورلۇق جىنايەتلىرىگە قىلچە رەھىم قىلماي، چېگرىدىن ئوغۇرلىقچە ئۆتۈپ «غازات قىلىش»قا ئۇرۇنغۇچىلارغا داۋاملىق قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر