باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاجىكىستان تەرەپ چاسا ئەترىتى 3-سېنتەبىر غەلىبە كۈنىدىكى پاراتقا تەييارلىق كۆرمەكتە

2015.08.28 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا بېيجىڭغا كېلىپ 3-سېنتەبىر ھەربىي پاراتقا قاتنىشىدىغان تاجىكىستان تەرەپ چاسا ئەترىتى ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە.

  تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم ئەلالىرىنىڭ ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھۆرمەت قاراۋۇل ئەترىتىدىكى 150 كىشى ئىچىدىن 75 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش چاسا ئەترىتىنى تەشكىللىدى. ئەترەتنى تەشكىللەشدىن يولغا چىققىچە 15 كۈن تەييارلىق كۆردى، ۋاقىت قىس بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھەر كۈنى سەككىز سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت مەشق قىلدى.

  تاجىكىستاننىڭ ھەربىي پاراتقا قاتنىشىدىغان ئەترىتىنىڭ قوماندانى مۇنداق دېدى: بۇندىن ئىلگىرى بىز فىرانسىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەربىي پارتىغا قاتناشقان بولۇپ، جۇڭگودا قاتنىشىش تېخى تۇنجى قېتىم.

  چاسا ئەترەت بىلەن بېيجىڭغا بارىدىغان تاجىكىستان ئارمىيەسىنىڭ تەرجىمانى ئەزىز مۇنداق دېدى: 3-سېنتەبىر ھەربىي پارات پائالىيىتى دۇنيا خارەكتېرلىك تەبرىكلەش مۇراسىمى بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئارمىيەسى بۇ تارىخىي پەيتكە گۇۋاھ بولىدۇ، بۇ تارىخى پەيتنى كۆرۈش ھەربىي پاراتقا قاتنىشىدىغان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر