باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى

2015.08.28 14:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى گىل 26-ئاۋغۇست پايتەخت جۇبادا شەرقىي ئافرىقا ھۆكۈمەتلەر ئارا تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. ئۇگاندا زۇڭتۇڭى مۇسەيۋىنى، كېنىيە زۇڭتۇڭى كىياتتا، ئىفىئوپىيە زۇڭتۇڭى خەيرمەريەم قاتارلىقلار كېلىشىمنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.

  تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، گىل مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن كېلىشىمنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىغا قارىتا ئۆز پىكرىمنى ساقلاپ قالىمەن. شەرقىي ئافرىقا ھۆكۈمەتلەر ئارا تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش ياراشتۇرغۇچىسى، ئېفىئوپىيەنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەيىم مىسفىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ھۆججەت شەكلى ئارقىلىق جەنۇبىي سۇداندىكى توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنى ئىچكى كىرىزىسىگە خاتىمە بېرىپ، قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر