باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، ئۆكتىچىلەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرماقچى بولدى

2015.08.28 14:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى سارۋا گىل 26-ئاۋغۇست پايتەخت جۇبادىكى ئەركىنلىك زالىدا شەرقىي ئافرىقا ھۆكۈمەتلەر ئارا تەرەققىيات تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ بىرلىكتە بىر يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەيدۇ، گىل داۋاملىق جەنۇبىي سۇداننىڭ زۇڭتۇڭى بولىدىكەن، ئۆكتىچى قوراللىق تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ماشارنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق سالاھىيىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 26-ئاۋغۇست باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى گىلنىڭ شۇ كۈنى تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقىنى قارشى ئالدى، ھەمدە، بۇ مەزكۇر دۆلەتتىكى توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تاشلانغان ئاچقۇچلۇق ۋە زۆرۈر بىر قەدەم دەپ ھېسابلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر