باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىم ياڭبون: چاۋشيەن كورىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، بىرلىككە كېلىش يولىغا قەدەم بېسىشى كېرەك

2015.08.28 14:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيىروسىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كىم ياڭبون 27 –ئاۋغۇست، چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرگەندە، چاۋشيەن كورىيە بۇ قېتىمقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدىكى نەتىجىلەر ئاساسىدا، چاۋشيەن كورىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، بىرلىككە كېلىش يولىغا قەدەم بېسىشى كېرەك دېدى.

  كىمياڭبون مۇنداق دېدى، چاۋشيەن كورىيە بۇ قېتىمقى سۆزلىشىشتە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىنى قەدىرلەپ، سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ئۆز ئارا قارشىلىشىش ۋە ئىشەنمەسلىكنى تۈگۈتىشى كېرەك. ئەگەر سۆزلىشىشتىكى نەتىجىلەر بۇ قېتىمقى كىرىزېسنى تۈگىتىشتىلا توختاپ قالسا، ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، سۆزلىشىش ئارقىلىق چاۋشيەن كورىيە مۇناسىۋىتىنى مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نىشانىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  كورىيە چاۋشيەن چېگرىسىدىكى پانمۇنجومنىڭ كورىيە تەرەپتىكى «تىنچلىق ئائىلىسى»دە ئۆتكۈزۈلگەن، كورىيە چاۋشيەن يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىشى شۇ يەر ۋاقتى 25–ئاۋغۇست سەھەردە ئاياقلاشتى، 40 نەچچە سائەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن ئىشلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر