باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مائارىپ قانۇنى قاتارلىق بىر قاتار تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقتى

ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھان بېرىشى توختىتىلىدۇ

2015.08.27 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەخسۇس كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇقى ئۆلكىلەرگە چۈشۈرۈلىدۇ پايدا ئالىدىغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  مائارىپ قانۇنى قاتارلىق بىر قاتار تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھەسى)24- ئاۋغۇست مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16- قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى، گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ قانۇنى، ئالىي مائارىپ قانۇنى، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى قاتارلىق ئۈچ قانۇنغا مەركەزلىك تەتقىق قىلىش ھەم تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

  ئەمەلىيەتتە ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش ئەھۋالى پات- پات يۈز بېرىپ، جەمىئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. يۈەن گۈيرېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى لايىھەدە ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش، ساختا دىپلوم ياساپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، كۆچۈرمىچىلىك قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىكار قىلىش، بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتناشتۇرماسلىق؛ كۈچۈرمىچىلىك قىلىشقا تەشكىللىگەن، ياردەم بەرگەنلەرگە جەرىمانە قويۇش، ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش؛ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرغان مائارىپ تارماقلىرى، ئىمتىھان ئېلىش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىنى جازالاش، ھەتتا جىنايى ئىشلار بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۇرۇش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر