باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە ئەسلىمە ۋە مۇلاھىزە

2015.08.27 17:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 16-سانىدا ھەربىي ئىشلار پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي ئىشلار تارىخى ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىم تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش چۈ ئەيگونىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە ئەسلىمە ۋە مۇلاھىزە ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون مىلىتارىزمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ، ھەققانىيەتنى قوغداش ئۇرۇشى؛فاشىستلارنى يوقىتىش،دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇشتىكى جان تىكىپ ئېلىشىش؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېغىر ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ قەدەم تاشلىشىدەك تارىخنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا خەلقچىللىق،جاپا مۇشەققەتلىك، ئۇزۇن مەزگىللىك، خەلقئارالىقتىن ئىبارەت تۆت ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن بولۇپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشنىڭ تىپىك ۋەكىلى، ئۇنىڭدا قىممەتلىك تارىخى تەجرىبىلەر جۇغلانغان. جۇڭگو كومپارتىيەسى مىللىي پىرىنسىپنى ئالىي بىلىش،ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان مۇددىئاسىنى نامايان قىلىپ، بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش سېپىدە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن خەلق ئاممىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئاڭلىق ھەرىكىتىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇرۇش كۈچىگە ئۈنۈملۈك ئايلاندۇردى.خەلق ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي رەھبەرلىرى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇردى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ شەرقتىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانى. دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش ئىشلىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك باشلامچى، فاشىستلار تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنىڭ كېڭىيىشىگە زەربە بېرىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بازىسى. ئۇ ياپونىيە فاشىستلىرى ئۈستىدىن تەلتۆكۈس غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنى خاتىرىلەشنىڭ ئۆزى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى نۇرلاندۇرۇش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، كۈرەش ئىرادىسىنى روھلاندۇرۇش، قەھرىمانلارچە ئىلگىرىلەيدىغان كۈچلەرنى قوزغىتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر