باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەتتە ئۆلكە دىققەتنى گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ تەكشۈرۈشىدە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قاراتتى

2015.08.27 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  59 كادىر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيدىلىدىن مەسئۇلىيىتى قاتتىق تەكشۈرۈلدى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 26-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ تەكشۈرۈشىدىكى تۈنجى تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى لياۋنىڭ، جىلىن، ئەنخۈي، فۇجيەن، سىچۈەن، گەنسۇ، چىڭخەيدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكىدىكى 59 كادىرنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تەدبىر بەلگىلەش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق سىياسەت ئىجرا قىلىش جەريانىدا سىياسەت-تەدبىرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى، بىپەرۋالىق قىلغانلىقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارغا پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام بويچە چارە كۆردى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بەزى كىشىلەرگە جىنايى ئىشلار بويىچە چارە كۆرۈلدى. بۇنىڭغا ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك بەش كىشى، ھاكىم، باشقاما باشلىقى دەرىجىلىك 20 كىشى چېتىلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە2-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشنى تەشكىللىك قانات يايدۇردى. 7-ئاينىڭ باشلىرىدا، گوۋۇيۈەن دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىلىپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قەتئىي تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار خادىملاردىكى قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش تەلەپ قىلىندى. بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ تەكشۈرۈشىدە بايقالغان تۈنجى تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسىدە قىلىدىغاننى قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش قاتارلىق قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى گەۋدىلەندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر