باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ گاۋلى مېللىر بىلەن كۆرۈشتى

2015.08.28 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائەت شىركىتىنىڭ لېدىرى مېللىر بىلەن كۆرۈشتى. جاۋ گاۋلى مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە بىۋاستە تۈرتكە بۇلۇشى بىلەن، ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدا داۋاملىق يېڭى ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتىگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ تەبئىي گاز ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشتە ئاكتىپ پوزتسىيەنى ساقلايدۇ. شەرقىي لىنىيەدىكى تەبئىي گاز تۈرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ھەمدە ۋاقتىدا گاز يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، غەربىي لىنىيەدىكى تەبىئىي گاز قاتارلىق ئىستراتىگىيەلىك زور تۈرلەرنى ئەستايدىل كېڭىشىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر-بىرىنى چۈشىنىش، بىر-بىرىگە يول قويۇش، بىر-بىرىگە پايدا يەتكۈزۇپ تەڭ غەلبە قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش پرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، يۇشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، يېڭى ھەمكارلىق ساھەسىنى پائال ئىزدەپ ھەمدە كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مېللىر مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى سودىسى، قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر