باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەزى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولماقتا

2015.08.31 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بۇ يىل 7-ئايدىكى ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىمخەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسى ھەققىدىكى ئېلاننى چىقاردى.

  ئېلاندا مۇنۇلار ئايان بولدى: بەزى يەرلىكلەر ۋە تارماقلار ساقلانما مەبلەغ ۋە بىكار يەرلەرنى ئېنىقلاش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچلۈك تەدبىر قوللانمىغان، بەزى سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش جايىدا بولمىغان، بىر قىسىم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولغان. ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى بۇ يىل 7-ئايدا 29 ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، 29 مەركەز تارمىقى، يەتتە مەركەز كارخانىسىنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىمخەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغان. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە رايونلار ئالاقىدار سىايسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشلارنى كېڭىشىپ قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر