باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى ئاساسىي كۈتىنىش فوندى بىلەن مەبلەغ سېلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ

2015.08.31 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ ۋېيپىڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، «ئاساسىي كۈتىنىش سۇغۇرتىسى فوندى بىلەن مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» غا ئالاقىدار ھۆججەت ۋە يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەپ، مەبلەغ مەركەزگە ئاجرىتىپ بېرىلگەندىن كېيىن تېزدىن مەبلەغ سېلىش مەشغۇلاتىنى باشلايمىز. ئاساسىي كۈتىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى توپلاشقا دۆلەت، ئىدارە، شەخس تەڭ مەسئۇل بولىدۇ. مالىيە دۆلەت قاتلىمىدىن باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن قوللايدۇ ھەمدە ئاساسىي كۈتىنىش سۇغۇرتىسى فوندى يېتىشمىگەن ئەھۋالدا تولۇقلىما بېرىدۇ. 17-ئاۋغۇست يولغا قويۇلغان «ئاساسىي كۈتىنىش سۇغۇرتىسى فوندى بىلەن مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»دا ئاساسىي كۈتىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ %30 تى پاي بازىرىغا سېلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. ئاساسىي كۈتىنىش سۇغۇرتىسى فوندى بىلەن مەبلەغ سېلىش ئاۋامنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا مەبلەغ سېلىش بىخەتەرلىكى ئەڭ ئويلىشىدىغان ئىش. يۈ ۋېيپىڭ مۇنداق دېدى: مالىيە مىنىستىرلىقى ئاساسىي كۈتىنىش فوندى بىلەن مەبلەغ سېلىش بىخەتەرلىكىگە مۇنداق ئۈچ تەرەپتىن كاپالەتلىك قىلىدۇ:

  (1) مالىيە ھېساباتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

  (2) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن، مالىيە فونكسىيەسى نۇقتىسىدىن نازارەتچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.

  (3) ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ، «چارە» دە بەلگىلەنگەن دوكلات قىلىش تۈزۈمى، ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى، جەمئىيەتكە ئۇچۇر ئاشكارىلاش قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر