باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زاڭزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى كادىرلار ۋە ئامما مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2015.08.28 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدا يېپىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدىن نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ ئاساسىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «خەلقنى بېيىتىپ شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش» خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قاتارلىقلار شىزاڭ ۋە تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى كادىرلار ۋە ئامما قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى.

  25-ئاۋغۇست كەچتە لاسا شەھىرىنىڭ چۈشۈي ناھىيىسى سەينا يېزىسى بەيدۈي كەنت ئاھالە كومىتېتىدا، نەچچە ئون دېھقان چارۋىچى تېلىۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ خەۋەر كۆردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ماددى مەدەنىيەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك دېگەندە نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  مەركەزنىڭ 5-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، سىچۈەن، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەيدىن ئىبارەت تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلىدى، ئامما تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ھەقىقىي بەھرىمان بولدى.

  شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100 كە يېقىنلاشتى، يېنىك كېسەللەرنى يېزىدىن چىقماي كۆرسىتىش ئىشقا ئاشتى؛ 2 مىليون 300 مىڭ دېھقان چارۋىچى بىخەتەر ئەمىن ئۆيلەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشتى؛ مەملىكەت بويىچە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بەيدۈي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دېجىياڭزۇڭ شىزاڭدا بولغان ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار سىياسەتلەر كۈچلۈك ئەمەلىيلەشتى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا.

  سىچۈەندىكى زاڭزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايونلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قايتا قۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشىدىن ئىبارەت تارىخىي پۈرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، «زاڭزۇ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانى» قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرىنەرلىك ئۆستى.

  سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جيالو بازىرى رېئالو كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رېنكې كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇشىمىز قولايلاشتى، سۇ ، توك بار بولدى. ئەتراپىمىزدا يەنە دوختۇرخانا ۋە مەكتەپمۇ بار. بۇ قېتىم مەركەز يىغىن ئېچىپ نۇرغۇن قوللاش سىياسەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇندىن كېيىن تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدىغان بولدى.

  گەرچە بۇ بىر نەچچە كۈن پادىچىلىقنىڭ ئەڭ ئالدىراش مەزگىلى بولسىمۇ، ئەمما شىزاڭنىڭ ناچۈ رايونى شېنزا ناھىيىسىدىكى چارۋىچى سولاڭسىرېن ئائىلىسى يەنىلا يىغىننىڭ مەزمۇنىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى. يىغىندا مائارىپتىن ئىبارەت بۇ يېتەرسىزلىكنى تېزدىن تولۇقلاش، دوختۇر كەمچىل بولۇش، دورا ئاز بولۇشنى تېزدىن تۈگىتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى بەرپا قىلىش تىلغا ئېلىندى. سولاڭسىرېن بۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى ئىش بولدى دېدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «دېھقانلارنى بېيىتىپ شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش» دېگەن نۇقتىغا نىسبەتەن يۈننەن دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دېچىن ناھىيىسى شيارو يېزىسى گېمېئېر كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى رۈييىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتىمىزدە كەسىپنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ ئەمەس، تاشيول قاتناش ئىقتىدارى يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز، ئۇل ئەسلىھە ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر