باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاڭلىق ئۆچرەتتە تۇرۇش، يەپ-ئىچىش ۋە كىيىنىشتە بەسلەشمەسلىك
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىگە ئون يىلدىن بۇيان تۈنجى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

2015.08.28 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلقنى سۆيۈش، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ئەمگەكنى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش، قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش......» مالىيە مىنىستىرلىقى 27-ئاۋغۇست «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى (2015-يىللىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭدا 2004-يىلىدىكى قائىدىگە قارىغاندا «ئاڭلىق ئۆچرەتتە تۇرۇش، يەپ-ئىچىش ۋە كىيىنىشتە بەسلەشمەسلىك» قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپەيتىلگەن. بۇ 2004-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى»گە ئون يىلدىن بۇيان تۈنجى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىدا 2004-يىلى ئېلان قىلىنغان قائىدىدىكى دەۋر قىممىتىگە ئىگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى نامايان قىلىنغان، ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرۇشقا تىگىشلىك ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، سەمىمىي-راستچىل بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلار ساقلاپ قېلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ئائىلە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تورغا مەدەنىي چىقىش قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر