باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

24 دوكلات «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تىزىسى تۈزۈشنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى

2015.08.28 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ 27-ئاۋغۇست كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىدا «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تىزىسىنى تۈزۈش خىزمىتىدىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2015-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى» ۋە «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2015-يىللىق نازارەت قىلىش خىزمىتى پىلانى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تىزىسى تۈزۈش خىزمىتىدىكى بىر قانچە مۇھىم مەسىلىنى چۆرىدەپ مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەم مەركەزنىڭ تەدبىر تۈزىشى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تىزىسى تۈزىشىنى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىدى، ھەم 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تىزىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىكى زۆرۈر تەييارلىقلارنى ھازىرلىدى.

  بۇ يىل 7-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، توققۇز مەخسۇس كومىتېت، ئىككى خىزمەت كومىتېتى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 24 مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى تۈزدى ھەم يۇقىرىغا سۇندى، بۇ دوكلاتلار مىللەت، كۈتۈنۈش، مالىيە-ئىقتىساد، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە، تاشقى ئىشلار، مۇھاجىرلار ئىشلىرى، ئېنېرگىيە تېجەش-مۇھىت ئاسراش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»، شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئىشلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدۇ.

  مىللەتلەر كومىتېتى «مىللىي رايونلار تەرەققىيات مەسىلىسى»نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ مۇنداق دېدى: مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ئارقىدا قالغان، نۇرغۇن رايون بىلەن تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ پەرقى چوڭايماقتا، بولۇپمۇ يۆلەش-ئېچىش، ئۇل ئەسلىھە، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مائارىپ-مەدەنىيەت-سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەرنى جىددىي كۈچەيتىش كېرەك. «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مىللىي رايونلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دۆلەتنىڭ مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھازىرقى تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچەپ قوغداپ، مىللەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپى بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر