باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ 2015-يىللىق ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردەم پۇلى پائالىيىتى باشلاندى

2015.08.28 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ 2015-يىللىق ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردەم پۇلى پائالىيىتىنى قوزغىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.بۇ يىل، ئېلىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئويۇشمىسى تەشكىللىنىپ قىيىنچىلىقى بار ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئارخىپى تورى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئىشچىلارنى يۆلەش مەركىزى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچىلار ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچى ـ دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ياردەم بېرىشىنى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم مەزمۇن قىلدى، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى 1 مىليارد 400 مىليۇن يۈەن مەبلەغ توپلىغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مەخسۇس كورس، تولۇق كورس مەكتەپلىرىگە كىرگەن پەرزەنتلىرىگە ياردەم قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردەم پۇلى پائالىيىتىدىكى ياردەم بېرىشى ئوبىيكتلىرى دۆلەت ئوقۇش ياردەم سىستېمىسى قاپلاپ كېتەلمىگەن ياكى قاپلانغان بولسىمۇ يەنىمۇ ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچى ۋە دېھقان ـ ئىشلەمچىلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان پەرزەنتلىرى، بولۇپمۇ ئالىي مائارىپ ۋە ئوتتۇرا كەسپىي مائارىپ باسقۇچىدىكى قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچىلار، قىيىنچىلىقتا قالغان دىھقان ـ ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى نۇقتىلىق يۆلىنىدۇ. (ھەبىبە ئسىمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر