سېنتەبىر ئايلىرىدىكى دەم ئېلىش ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولغىنىڭىزدا ئۆز ئاپتوموبىلىڭىزنى ھەيدەپ سىرتلارغا چىقىشنى پىلان قىلىدىڭىزمۇ؟ ھەر يىلى سېنتەبىر ئايلىرى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنىڭ ۋە ئاپتوموبىل يىللىق تەكشۈرۈشىنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدىغان بولغاچقا، ھەر خىل بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئېلىش كۈنلىرى بىر قەدەر كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ مەزگىلدە سىرتلارغا چىقىپ كېتىپ ئاپتوموبىلىڭىزنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
مۇخبىرنىڭ 26-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر يىلى سېنتەبىر ئايلىرىدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنىڭ بېسىق مەزگىلى باشلىنىدىكەن. ۋاقىتلىق نومۇر تاختىلىرىنىڭ مۇددىتى چەكلىك بولغانلىقتىن ئاپتوموبىل تەكشۈرۈشمۇ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدىكەن. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ كۈندىلىك تەكشۈرۈلىدىغان ئاپتوموبىل مىقدارى ئىلگىرى 810 ئاپتوموبىلدىن 1100 ئاپتوموبىلغا كۆپەيگەن. ئاۋۋالقى يىللاردىكى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، سېنتەبىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا كۈندىلىك تەكشۈرۈلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ مىقدارى 1800 ھەتتا 2000 ئاپتوموبىلغا يېتىدىكەن. ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش بېسىق مەزگىلى باشلانغاندا ئۈرۈمچىدىكى 14 موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى سىزنىڭ ئالدىن تاللىشىڭىز بولالايدىكەن.