باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاشيوللاردىن ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئېلىنغان450 كە يەتتى

2015.08.28 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مۇخبىرنىڭ 27-ئاۋغۇست قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مىنىستىرلىق تاشيوللاردىن ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش مەزگىلىدە 221 پوچتا يوللانمىسى، 454 پىكىر تاپشۇرۇۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇمىي پىكىر 265 ،نىزامغا قارىتىلغان پىكىر 189 ئىكەن. نىزامنىڭ تۈزىتىلمىسىگە ئالاقىدار پىكىر ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىشلارغا مەركەزلەشكەن: ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنى كۆپەيتىشتە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، بىر تۇتاش ئارىيەت ئېلىش قايتۇرۇش ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى، يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيوللارنى ئاسراش ھەق ئېلىش تۈزۈمى، ئاپتوموبىللاردىن قاتناش ھەققى ئېلىنمايدىغان دائىرە، جەمئىيەت مەبلىغى سېلىنغان ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنىڭ مۇۋاپىق پايدا يارىتىش دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قاتناش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يۈرۈش تىجارىتىنى باشقۇرۇش تەننەرخىنى چىڭىتىش، ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنىڭ يۈرۈش تىجارىتى ئاساسىي مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش.

ھازىر قاتناش تىرانسىفورت مىنىستىرلىقى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى خۇلاسىلەپ ، تەتقىق قىلماقتا؛ بۇ ئاساستا ئالاقىدار مۇۋاپىق تەكلىپ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ، تاشيوللاردىن ھەق ئېلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىلمىي ، مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق ۋاقىتتا گوۋۇيۈەننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر