باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەربىي پارات چاسا ئەترىتىدىكى مىللەتلەر گۈلى

2015.08.28 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەلبە كۈنى ھەربىي پارات مۇراسىمىدا ئاز سانلىق مىللەت ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك سالاپىتى نامايان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىشى،باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى ھەربىي پارات چاسا ئەترىتىگە مىللەتلەر گۈلى ھىدىنى چاچتى.

  زاڭزۇ ئەسكەر گېشىچىجۇزېڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ يۈشۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، جوۋچۈدىكى لاتقا شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش، كونگو كىنىشاساغا بېرىپ تىنچلىق ساقلاش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قاتناشتى ھەمدە ۋەزىپىنى ئالاھىدە ياخشى ئورۇنلىدى.ئۇ ماشىنىلىق ئىش قىلىش مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەربىي پارات مەشىقىدە كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇپ، ئۆزىدىكى كىچىككىنە ئىللەتلەرنى بىر مەھەل تۈزىتەلمىدى. ھەر كۈنى كەچتە چىراغ ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇ ئاستا ئەينەككە قاراپ ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىشكە باشلىدى، بۇ چاغدا ئۇ مەشىقنى ئىككى سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشتۇراتتى. ئىككى ئاي ئىچىدە ئۈچ ئۆتۈكنى يىرتىۋەتتى، 23 جىڭ يېنىكلىدى . ئۇ ئاخىرى زاپاس ئەسكەردىن 5-رەتتىكى ئۆلچەملىك ئەسكەرگە ئايلاندى. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ چاسا ئەترەتتىكى پۇت كېرىش پادىشاھى، ھەربىي قىياپەت پادىشاھى دەپ باھالاندى.

  قازاق ئەسكەر نۇرزات تىلغا ئېلىنسا سەپداشلىرى ماختاپ، ھەربىيچە تۇرغاندا ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ ئازراقمۇ يوچۇق قالدۇرمايدۇ، كەچتە ئۇخلىغاندا يىپ بىلەن ئىككى پۈتۈنى باغلاپ ياتىدۇ؛ بېشىنى ئوڭغا قىلىپ ئورۇن بەلگىلەشنى مەشىق قىلىش ئۈچۈن، مەشىق قىلغاندا ياقىسىغا يىڭنىمىخ تاقىمايدۇ؛ جاۋاب سۆز مەشىق قىلغاندا بوغۇزى ياللۇغلانسىمۇ پىسەنت قىلماي مەشىق قىلدى دېدى.

  ئىرادىلىك كىشىلا ھەقىقىي ماھارەتنى ئىگىلىيەلەيدۇ. ھەربىي پارات مەشىقىنىڭ دەسلەپكى 10 نەچچە قېتىملىق شاللاش ئىمتىھانىدا نۇرزات قىيىنچىلىقلارنى ئوڭۇشلۇق يېڭىپ تاللاندى. ھەمدە قەددىنى رۇسلاپ ئۇچ سائەت قىمىرلىماي تۇرۇش، 4 سائەت تىك تۇرۇپ ئولتۇرماسلىق، ئۈچ مىنۇت كىرپىكىنى قاقماسلىق ھەرىكىتىنى مەشىق قىلدى. چاسا ئەترەت ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىملىق باھالاشتا ئۇ ھەر قېتىم مەشىق ئۈلگىسى دەپ باھالاندى.

  چاسا ئەترەتنىڭ بىر ئەسكىرى مۇنداق دېدى: دەم ئېلىش ۋاقتىدا نۇرزات بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسسۇل ئويناپ،مەشىقنىڭ جاپالىق ۋە ھارغىنلىقىنى ئۇنتۇلۇپ قالىمىز،ھەر قايسى مىللەت قېرىنداشلار ئارىسىدىكى سەپداشلىق مېھرى مۇھەببىتىمىز بارغانسېرى كۈچەيدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر