باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن پارتلاش ۋەقەسىدە جاۋابكارلىقى بار ئالاقىدار خادىملارغا جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى

2015.08.28 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 27-ئاۋغۇست ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، تيەنجىن پورتى «12-ئاۋغۇست» پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى-پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تەپتىش ئورگانلىرى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە پائال تۇتۇش قىلغان. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تيەنجىن شەھەرلىك قاتناش تىرانسپورت كومىتېتىنىڭ تيەنجىن پورتىنىڭ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار تىجارىتىنى باشقۇرىدىغان كەسپىي مەسئۇل تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار تىجارىتى كەسپىني تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بولۇپ، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلماي، قائىدىگە خىلاپ تىجارەت ئىجازەتنامىسى بەرگەن، ئۇلارنىڭ رۇيخەي شىركىتىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئاجىز بولغان. تيەنجىن شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە بىنخەي يېڭى رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىگە قاراشلىق رايون ئىچىدىكى كارخانىلار، بولۇپمۇ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن، ئالاقىدار خادىملارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئاجىز بولغان، رۇيخەي شىركىتىدە ساقلىنىۋاتقان يوشۇرۇن خەۋپ ۋە قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلىش مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بايقىمىغان ۋە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغان. بىنخەي يېڭى رايونلۇق پىلان ۋە دۆلەت زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆزىگە قاراشلىق رايوننىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پىلانلايدىغان، باشقۇرىدىغان تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىگە قاراشلىق رايون ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ساقلاش تىجارەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش پىلانىنى تەستىقلاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، ئالاقىدار جاۋابكارلار رۇيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ساقلاش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئورۇننىڭ بىخەتەر ئارىلىق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتمىغان، بۇ شىركەتنىڭ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ساقلاش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش پىلانىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەستىقلىغان. تيەنجىن يېڭى پورتى تاموژنىسىدىكى جاۋابكارلىقى بار ئالاقىدار خادىملار خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار ئىمپورت-ئېكسپورتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتى داۋامىدا خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، رۇيخەي شىركىتىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان تەكشۈرمىگەن، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ۋاقتىدا بايقىمىغان ھەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان ؛ سالاھىيەت ھازىرلىمىغان رۇيخەي شىركىتىگە يېشىل كىرىش چىقىش يولى ئېچىپ بەرگەن، بۇ شىركەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويغان. تيەنجىن پورتى گۇرۇھى شىركىتى پورت رايونىدىكى كارخانىلارنى باشقۇرغۇچى ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىگە قاراشلىق رايون ئىچىدىكى تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلىرى بار، ئالاقىدار جاۋابكارلار باشقۇرۇشقا سەل قاراپ، رۇيخەي شىركىتىدە ساقلىنىۋاتقان يوشۇرۇن خەۋپ ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلىش مەسىلىلىرىنى تۈزىتىش

  ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈنۈملۈك ھەيدەكچىلىك قىلمىغان. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى يەنە شۇنى بايقىدىكى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى سۇ تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ جىنۋېن قانۇنغا خىلاپ ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان رۇيخەي شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىكنى باھالاپ تەكشۈرۈشىتىن ئۆتىشىگە ياردەم بېرىپ، سالاھىيەت ھازىرلىمىغان رۇيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار تىجارىتىگە ئالاقىدار سالاھىيەتنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن.

  ئېنىقلانغان ئەھۋال ۋە ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەپتىش ئورگانلىرى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تيەنجىن شەھەرلىك قاتناش تىرانسپورت كومىتېتىنىڭ نازىر دەرىجىلىك مۇدىرى ۋۇ دەيشەن، تيەنجىن شەھەرلىك قاتناش تىرانسپورت ۋە پورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك، پېنسىيىگە چىققان مۇئاۋىن باشلىقى لى جىگاڭ، تيەنجىن شەھەرلىك قاتناش تىرانسپورت كومىتېتى پورت باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فېڭ گاڭ، تيەنجىن شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ خەييۇ، بىنخەي يېڭى رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ساۋ چۈنبو، بىنخەي يېڭى رايونلۇق پىلان ۋە دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ لىمىڭ، تيەنجىن تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە يېڭى پورت تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك باشلىقى ۋاڭ جىياپېڭ، تيەنجىن پورتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ نازىر دەرىجىلىك لىدىرى جېڭ چىڭيۆ، تيەنجىن پورتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك لىدىر ياردەمچىسى لى خۇڭفېڭ، تيەنجىن پورتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ شۇگولار قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇلۇپ تەكشۈرۈلدى ھەمدە ئۇلارغا جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش جىنايىتى بىلەن قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى سۇ تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ جىنۋېن قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى ھەمدە ئۇنىڭغا جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، تيەنجىن پورتى «12-ئاۋغۇست» پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى-پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان. 14-ئاۋغۇستتىن بۇيان، قانۇن بويىچە رۇيخەي شىركىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار زور جاۋابكارلىق ۋەقەسى جىنايىتى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش جىنايىتى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن. 20-ئاۋغۇست، بىخەتەرلىكنى باھالاش دوكلاتى بىلەن تەمىنلىگەن تيەنجىن جۇڭخەي خەيشېڭ بىخەتەرلىكنى باھالاش تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار يالغان ئىسپات ھۆججىتى بىلەن تەمىنلەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن. نۆۋەتتە رۇيخەي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ شۆۋېي، مۇئاۋىن باش مۇدىرى دۇڭ شېشۇەن مۇئاۋىن باش دېرىكتورلاردىن ساۋ خەيجۈن، لىيۇ جىنگو، تيەنۋاڭ، سابىق قانۇن ئىگىسى لى لياڭ، ئامانلىق ساقلاش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى گو شىياڭبىن، باش مالىيە نازارەتچىسى سۇڭ چى، مەشغۇلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لى ياشياڭ، تيەنجىن جۇڭخەي خەيشېڭ بىخەتەرلىكنى باھالاش تەكشۈرۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ باھالىغۇچىسى زېڭ فەنچياڭ قاتارلىق 12 نەپەر جىنايەت گۇماندارى قانۇن ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان ؛ ۋەقەدە يارىلانغان «رۇيخەي شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جى فېڭ، بىخەتەرلىككە مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى شاڭ چىڭسېندىن ئىبارەت 2 جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇرار جايى قانۇن بويىچە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

  كېيىنكى قەدەمدە، گوۋۇيۈەن تيەنجىن پورتى «12-ئاۋغۇست» پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى-پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ تەپتىش ئورگانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، جىنايەتكە چېتىشلىق كىشىلەرنى ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈپ چىقىدۇ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر