باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبېيدا يان تېلېفۇن كەزمە ھەققى رەسمىي بىكار قىلىندى

2015.08.27 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.كۆچمە ئالاقىچىلىكى، تېلېگراف، بىرلەشمە ئالاقىچىلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئالاقىچلىلىك شىركىتى بۈگۈن بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبېيدا يان تېلېفۇن كەزمە ھەققىنىڭ رەسمىي بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. يېڭى ھەق ھېسابلاش قائىدىسى بويىچە ئابونىچى بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبېي تەۋەلىكىدىكى تېلېفۇن نومۇرىغا تېلېفۇن ئۇرسا ياكى تېلېفۇن قوبۇل قىلسا، نومۇر تەۋەلىكى بويىچە سۆزلىشىش ھەققى ئېلىنىدۇ.

  جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكى شىركىتى مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ بېيجىڭ- تىيەنجىن- خېبېي ھەمكارلىق تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2015- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ، بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جاي ئارىسىدا يان تېلېفۇن ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققى ۋە كەزمە ھەققى بىكار قىلىنىدۇ. ئابونىچىلارنىڭ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبېي تەۋەلىكىدىكى ئابونىچىلار يان تېلېفۇننىڭ ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققى ۋە كەزمە ھەققىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن، ئارقا سۇپىدا ئۈن- تۈنسىز ئېتىراپ قىلىش كۆزنىكىنى ئېچىپ قويسىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر