باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكتىلىدى:

شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش؛ خەلقنى بېيىتىپ شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش؛ شىزاڭنى ئۇزاققىچە راۋاجلاندۇرۇش؛ شىزاڭنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك

2015.08.26 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ سۆز قىلدى، جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

  مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 2015-يىلى 24-ئاۋغۇستتىن 25-ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 25-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 2015-يىلى 24-ئاۋغۇستتىن 25-ئاۋغۇستقىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىدە چىڭ تۇتۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى خىزمەتنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىش ۋە ئارىلىشىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ماددىي، مەدەنىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر