خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئاۋغۇست سەھەردە WDBJ7 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئايال مۇخبىرى پاك بىلەن ئوپېراتور ۋارد نەق مەيدان خەۋىرى بېرىۋاتقاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى يارىلانغان. جىنايەتچى قېچىپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ فىرانكلىن رايونىدىكى ساقچىلار جىنايەت گۇماندارىنى ئېنىقلاپ، قوغلاپ تۇتۇشنى باشلىغان.
ۋىرگىنىيە ئىشتانىنىڭ باشلىقى تېررىنىڭ ئېيتىشىچە، جىنايەت گۇماندارىمۇ WDBJ7 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ دېلو سادىر قىلىش مۇددىئاسى ھازىرچە ئېنىقلانمىغان.
مەنبە: خەلق تورى