- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن «ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىغا مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تارقاتتى
2015.08.24 16:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بۈگۈن «ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىغا مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» نى رەسىمىي تارقاتتى، چارىدە مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى: كۈتۈنۈش سوممىسى بىلەن پاي چېكى، پاي چېكى فوندى، ئارىلاشما فوند، پاي چېكى خاراكتېرلىك كۈتۈنۈش سوممىسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتى كۈتۈنۈش سوممىسى كاپتالى ساپ قىممىتىنىڭ %30 ىدىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك؛ پاي كۆرسەتكۈچىلىك زاكاز مال، زايۇملۇق زاكاز مال سودىسىغا قاتناشسا، كىرىشتۈرمە زاكاز مال سودىسى ئارقىلىق قىممىتىنى ساقلاپ قىلىشقا بولىدۇ.
چارىدە مۇنداق دېيىلدى: ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش فوندىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چارىدە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كۈتۈنۈش فوندىغا مەبلەغ سېلىشتا بازالاشتۇرۇش، كۆپ مەنبەلىك بولۇش، كەسپلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كاپتالنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قىممىتىنىڭ ساقلاش، ئاشۇرۇش نىشانىغا يىتىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر