باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانى بىر تۇتاش ئۈچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ

2015.08.27 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:گوۋۇيۈەن ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ 3-،2-دەرىجىلىك ، 1-دەرىجىلىك ۋە ئالىي دەرىجىلىك دەپ بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 26-ئاۋغۇست گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتى مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى قارار قىلىندى. بىرىنچى، تەسىس قىلىنغان ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى ( ۋەزىپە) 3-،2-دەرىجىلىك ، 1-دەرىجىلىك ۋە ئالىي دەرىجىلىك دەپ بىرلىككە كەلتۈرۈش. ئىككىنچى، باھالاش ئۆلچىمىنى تۈزىتىش، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە ئەمەلىيەت كەچۈرمىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىي ماقالە، ئوقۇش تارىخىنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەشنى ئۆزگەرتىپ، يېزا ۋە چەت رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئەھمىيەت بىرىش. ئۈچىنچى، كەسىپداش مۇتەخەسسىسلەر باھالاشنى ئاساس قىلغان باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەمدە نەتىجىسىنى ئاشكارىلاش، نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تۆتىنچى، ئۇنۋان باھالاش ۋە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر كىم ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر