باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

2- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خارابىلىكى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قەھرىمانلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

2015.08.25 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2- تۈركۈمدىكى 100 ئورۇندىكى دۆلەت دەرىجىلىك ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە ئەسلىھەسى، خارابىلىك تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى؛ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2- تۈركۈمدىكى 600 كۆزگە كۆرۈنگەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي قۇربان ۋە قەھرىمانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

  جۇڭگو خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ تاشقى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ تۇنجى قېتىم تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى بولۇپ، مىللەتنى ھالاكەت خەۋپىدىن قۇتقۇزۇش، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنى ئازاد قىلىش، دۇنيا تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن، تارىختا نۇر چاچقۇدەك تۆھپە قوشتى. 1931- يىلى «18- سېنتەبىر ۋەقەسى» بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مۇقەددىمىسى باشلانغاندىن تارتىپ، 1945 -يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلگىچە، جۇڭگو خەلقى دۆلەت مۇنقەرز بولۇش، مىللەت يوقىلىشتەك ھالقىلىق پەيتتە، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، قانلىق جەڭ قىلىپ، قەيسىرانە قەھرىمانلىق مارشىنى ياڭراتتى، بىر تۈركۈم ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قەھرىمانلار بارلىققا كەلدى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىپادىلەنگەن دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەركىمنىڭ مەسئۇلىيتى دېگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق، ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەسلىكتەك مىللىي غورۇر، زوراۋانلىقتىن قورقماسلىق، ئاخىرغىچە قانلىق جەڭ قىلىشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتى، جەزمەن غەلىبە قىلىشقا بولغان تەۋرەنمەس ئىدىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىسىل مەنىۋى بايلىقى. ئۇلار ئۇلۇغ تۆھپىسى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر