- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى:« ئاپتوموبىلدا ئوت ئۆچۈرگۈچ يوق بولسا نۇمۇر تاتىلىدۇ» دەپ تارقىلىپ يۈرگەن گەپ راست ئەمەس
2015.08.27 14:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا توردا ۋە دوستلار چەمبىرىكىدە تارقالغان « يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئېغىزىدا 1- سېنتەبردىن باشلاپ ئاپتوموبىلدىكى ئوت ئۆچۈرگۈچ، ئۈچ پۇتلۇق جازىنى تەكشۈرىدۇ، ئەگەر يوق بولسا 6 نومۇر تارتىلىپ، 200 يۈەن جەرىمانە قويىلىدۇ»دېگەن گەپلەر تارقالغان، مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يالغان خەۋەر بولۇپ، قائىدە- نىزاملاردا بۇنداق بەلگىلىمە يوق ئىكەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇنىڭغا ئوخشاش تارقىلىپ يۈرگەن يالغان خەۋەر بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بولغان ئىكەن يەنى ۋاقتى« 1-ئىيۇلدىن باشلاپ تەكشۈرۈش باشلىنىدۇ»دېيىلگەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر