باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

يىغىندا تيەنجىن پورتىدىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2015.08.21 13:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 20 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئېچىپ، گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تيەنجىن پورتىدىكى «رۈيخەي» شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا 12 - ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسىدە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە ۋەقەنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: تيەنجىن پورتىدىكى «رۈيخەي» شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا 12 - ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسىدە ئېغىر تالاپەت كۆرۈلۈپ، مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىدى، بۇنىڭدىن قانلىق ساۋاق ئېلىش كېرەك. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قۇتقۇزۇش ۋە ۋەقەنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تيەنجىن شەھىرى ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى، بولۇپمۇ قوراللىق ساقچى قىسىم، ج خ ۋە كارخانىلاردىن تەشكىللەنگەن ئوت ئوچۈرۈش ئەترەتلىرى خەتەرگە قارىماي ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قۇربانلىق بەردى. ھازىر خادىملارنى ئىزدەش، يارىدارلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش، مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، نەق مەيداننى تازىلاش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش، ئۇچۇر تارقىتىش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەش بولدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ناھايىتى مۈشكۈل. ئالاقىدار تەرەپلەر خەلقنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، خەتەرگە يولۇققان خادىملارنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش، قۇتقۇزۇش كېرەك. ئادەم قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كۈچلەرنى داۋاملىق تەشكىللەپ، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنى قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. قازا قىلغانلار، يارىدارلار ۋە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئېنىق سېلىشتۇرۇش ۋە ھېچقانداق خاتالىق كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، يارىدارلارنى ئامالنىڭ بارىچە داۋالاپ قۇتقۇزۇش كېرەك. داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دوختۇرلار بىلەن سېسترالار ۋە بايلىقىنى يۆتكەپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاپ قۇتقۇزۇش كېرەك. ئېغىر يارىلانغانلارغا قارىتا بىر - بىرلەپ داۋالاش توغرىسىدا تەپسىلىي لايىھە تۈزۈش؛ يارىدارلارنى كۈتۈش ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىگە، مېيىپ بولۇپ قالماسلىقىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، نەق مەيداننى تازىلاش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىشلەش كېرەك. خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ، نەق مەيداندا ساقلىنىپ قالغان تۈرلۈك خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى توغرا ئېنىقلاپ، نەق مەيداننى تازىلاش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، قايتا ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنى كۆپەيتىپ، ۋەقە يۈز بەرگەن رايون ئەتراپىدىكى ئاتموسفېرا، تۇپراق ۋە سۇ سۈپىتى قاتارلىقلارنى كېچە - كۈندۈز توختىماي ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى توغرا مەلۇم قىلىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

  بەشىنچى، ۋەقەدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ۋەقەدە يارىلانغان ۋە قازا قىلغان، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ياردەم بېرىپ ۋە تەسەللى بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ۋەقە يۈز بەرگەن رايون ئەتراپىدىكى ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېنىقلاش؛ قۇتقۇزۇش، تۆلەم بېرىش لايىھەسىنى قانۇن - بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇۋاپىق مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈش كېرەك. قۇربان بولغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ قانداق ئىشتاتلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىگە بىردەك مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا شان - شەرەپ ۋە نەپىقە بېرىش كېرەك.

  ئالتىنچى، ئۇچۇر تارقىتىش ۋە جامائەت پىكرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. دەل ۋاقتىدا بولۇش، توغرا، ئاشكارا ۋە ئېنىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ۋەقە ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تارقىتىپ، ئاممىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

  يەتتىنچى، ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش ھەم جاۋابكارلىقىنى كەسكىن سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە جاۋابكارلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىلچىلىكمۇ گۇمانلىق نۇقتىنى ئالا قويماسلىقى؛ مەيلى كىمگە چېتىشلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلىقىنى قانۇن - بەلگىلىمىگە ئاساسەن قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قىلچە ئاياپ ئولتۇرماي، جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېقىنقى مەزگىلدە بەزى جايلاردا ئىشلەپچىقىرىشتا ئارقا - ئارقىدىن ئېغىر ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى مەسىلىنىڭ گەۋدىلىكلىكى، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىپ، مۇستەھكەم بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈم ئۆلچىمى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن ئىجراسىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى خەۋپ - خەتەرلەرنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر