باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۆتكەن يىلى پاكىستاندا تۇتقىن قىلىنغان جۇڭگو پۇقراسى قۇتقۇزۇۋېلىندى

2015.08.25 14:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، پاكىستاندا تۇتقۇن قىلىنغان جۇڭگو پۇقراسى خوڭ شۈدوڭ يېقىندا قۇتقۇزۇۋېلىندى، جۇڭگو پاكىستاندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

  خوڭ شۈدوڭ خۇبېيلىق. ئۆتكەن يىلى 5 -ئايدا، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېرا ئىسمايىلخان رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۆتكەن يىلى 4 -ئايدا خوڭ شۈدوڭ ھىندىستاندىن پاكىستانغا كىرگەن، ئۇ ۋېلىسىپىت بىلەن ئىرانغا قاراپ ماڭغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلگىرى پاكىستاندىكى تالىپانلار بۇ ئىشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر